ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 2319– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«ھەرەمباغ» ۋە زۇلپىقار ئەبەيدۇللا


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2015-3-6 18:42:10

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئېلاۋەسى: تائاملىرىمىزدىن پەخىرلەنمەيدىغانلىرىمىز يوق، ئەمما تائاملىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىمىز دەيدىكەنمىز، دۇنيانىڭ ئىلغار تائام مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز، تائام مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىشىمىز، ئەڭ مۇھىمى يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. تاماقخانىلارنى شاھ ئوردىسىدەك بېزەپ، تاماقنىڭ باھاسىنى ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ تاماق باھاسىغا يەتكۈزۈپ ئەمەس، بەلكى ئىلغار ئىدىيە، يېڭى پىكىر بىلەن توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنى نۇرلاندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلغاندا تائاملىرىمىزنى دۇنيادىكى بازارلىق تائاملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغىلى بولىدۇ، تائاملىرىمىز قانداق ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ۋە شاخلىتىپ، يېقىندا شىنجاڭ «ھەرەمباغ» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى زۇلپىقار ئەبەيدۇللا بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ئامالسىز مېڭىپ قالدىم

مۇخبىر: ئەسلىدە سىز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ بىر كارخانىدا مەمۇرىي خىزمەت قىلغانىكەنسىز. كېيىن قانداقلارچە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىپ قالدىڭىز؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: 20 نەچچە ياشقا كىرگەن چاغلىرىم ئىدى.چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگەندىم، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتتۈم، چەت ئەلگە چىقىپ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتىم. ئەمما يول كىراسىغا كېتىدىغان 6000 ئامېرىكا دوللىرىنى غەملىيەلمەي قالدىم. 1996- يىلى 6000 ئامېرىكا دوللىرى تەخىمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلەتتى. مېنىڭ ئىش ھەققىم ئاران 400 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. ئائىلىمىزدە ئالتە بالا بولغاچقا، بانكىغا 50 مىڭ يۈەن ئەمەس، 5000 يۈەنمۇ قويۇپ باقماپتىكەن. شۇ سەۋەب تونۇش-بىلىشلەردىن قەرز ئېلىپ 50 مىڭ يۈەن غەملەش مۈمكىن بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلاندى. ھاياتىمدا پۇلنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم. پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەتتىكى بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. دەسلەپتە ئۈرۈمچىدىكى توپ سېتىش بازارلىدىن كۈندۈلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ، كوچىدا سېتىپ ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. كېيىنچە خىزمەتتىن ئىستىپا بەردىم. ئۈرۈمچىدىن توپ سېتىۋالغان ماللىرىمنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاپىرىپ توپ ۋە پارچە ساتتىم، كېرەكسىز تۆمۈر-تەرسەك تىجارىتىنىمۇ قىلدىم. قولۇمغا ئازراق پۇل كىرگەندىن كېيىن، ئىككى دوستىم بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ «بۇلاقبېشى كوچىسى»دا ئاشخانا ئاچتىم. مەن ئاشخانىنى چىرايلىق بېزەپ ئاچقان بولساممۇ، ئاشخانا خېرىدارلارنى جەلپ قىلالمىدى. ئىككى شېرىكىم ئاشخانىنى ماڭا قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت يولىغا ماڭدى. شۇ چاغدا ئۈچەيلەن بىرلىشىپ بەش خىل مېتال بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ھۆددىگە ئالغانىدۇق. بۇ دۇكاندىن زىيان چىقىپ، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم سوتقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. سوتتا مەن 60 مىڭ يۈەن قەرز قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1998- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پۇل تاپىمەن دەپ تىجارەت قىلىپ، ئەكسىچە 60 مىڭ يۈەن زىيان تارتتىم.

مەن مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي، ئاشخانا ئېچىشنى داۋاملاشتۇردۇم. گەرچە بۇ جەھەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ، ئاشخانا تىجارىتىنى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ قالدىم. مەن ئاچقان ئاشخانا ئەتراپتىكى ئاشخانىلاردىن ئېسىل بېزەلگەن، تامىقى تەملىك بولسىمۇ، ئەتراپتىكى ئاشخانىلار توشۇپ كەتكەندە ئاندىن مېنىڭ ئاشخانامغا خېرىدارلار كىردى. مەن شۇ چاغدا كۆپ ئويلاندىم. دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ئېچىلغان ئاشخانىلارنىمۇ كۆپ كۆزەتتىم. ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىش مۇھىم دەپ قاراپ، ئەينى چاغدىكى «گۈزەل ھايات» رېستۇرانىنى ئاچقان زەكىيە خانىمنى ئىزدەپ باردىم. زەكىيە خانىمدىن يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندىم. كەم كەچلىرى خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان «گۈزەل ھايات» رېستۇرانىغا قاراپ، ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. مەن ئاشخانا ئېچىش جەريانىدا لەڭمەننى قانداق ئېتىش، كاۋاپنى قانداق پىشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم. ھەتتا قىيما كاۋاپنى 0.50 يۈەندىن سېتىپ، خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقچى بولدۇم. ئەمما خېرىدارلار يەنىلا كۆپەيمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى «ياشلار باغچىسى» (ھازىرقى يەنئەن باغچىسى)نىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچا دوقمۇشىدا «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئاچتىم.2000 – يىلى تۇنجى قېتىم «ھەرەمباغ» تاۋار ماركىسىنى قوللاندىم.

تاماقخانىلىرىم مېنىڭ ئەسىرىم

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمەتكە تايىنىپمۇ؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ئون يىلدەك ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا يېڭىلىققا، خاسلىققا ئىنتىلىشىم سەۋەب بولدى. مەن تاپقان پۇلۇمغا ئۆيمۇ سېتىۋالماي، ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، تاماقخانىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بېزىدىم. مۇلازىملار كىيىمىنىمۇ جەلپ قىلارلىق لايىھەلەپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىدىم. تۇنجى «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئاچقاندا تاڭجاڭلار دەۋرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، تاماقخانىلاردا خېرىدارلار بۇيرۇتقان تائاملار ۋە قورۇمىلارنى مۇلازىملار تىزىملايدىغان يېڭىچە تىجارەت شەكلى باشلانغانىدى. مەن تاماقخانا تىجارىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا مۇلازىملارغا ئوخشاش مۇلازىمەتچىلىك قىلدىم. تاماق ئېتىلىدىغان ئۆينىڭ تازىلىقىغا مېھمان كۈتۈلىدىغان ئۆيدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئورۇننى ياخشى تاللىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، تاماقخانىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولدى. خېلى كۆپ ئىقتىساد توپلىدىم، ئەڭ مۇھىمى تەجرىبە توپلىدىم. تائاملارنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مۇلازىمەتكە كۈچەيدىغان بولدۇم. مەن تاماقخانا ئاچقانسېرى بۇ خىل تىجارەتكە بولغان مېھرىم ئاشتى. مەندە خۇددى شائىر، رەسساملار نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقانسېرى ئىلھامى كاتتىلاشقاندەك، بۇ تىجارىتىم ئاققانسېرى يېڭى تاماقخانا ئاچقۇم كېلىدىغان، يېڭىلىق ياراتقۇم كېلىدىغان، ئۆزۈمنىڭ تاماقخانىسىدىن ئۆزۈم ھۇزۇرلىنىپ كېتىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەندى. مېنىڭچە، «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئېچىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدىكى سەۋەب، تاماقلىرىمىزنىڭ تەمى باشقىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تاماقخانىلىرىمىزنىڭ بېزىلىشى، مۇلازىمىتى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

سېتىۋاتقىنىم تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت

مۇخبىر: كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان «جام چايخانىسى»نى ئېچىشقا قانداق ئىدىيە تۈرتكە بولغان؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: مەن «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئېچىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن تارتىپ، داۋاملىق يېڭى تاماقخانىلارنى ئاچقۇم كېلىدىغان، توختىماي يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالدىم. «جام چايخانىسى»نى ئېچىشتا ساياھەتچىلىكنى ئويلاشقانىدىم، ساياھەتچىلەرگە تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت سېتىشنى مەقسەت قىلدىم. 2005- يىلى ب د ت تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دۇنيا جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، «جام چايخانىسى»نى ئاچقاندا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا بېزەشكە ئالاھىدە كۈچىدىم. مېھمانلارنى مېھماندەك كۈتۈشكە، يەنى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن مۇلازىملار مېھماننى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋېلىش، مېھمان چايخانىغا كىرگەندە قولىغا سۇ بېرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىمىزنى قوللاندىم. بولۇپمۇ تاماق بىلەن مەدەنىيەتنى، جۈملىدىن مۇقامنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچىدىم. قەدىمدىن بۇيان سازەندىلەر، مۇقامچىلار پەگادا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئەمما مەن يېڭىلىق يارىتىپ سازەندىلەر، مۇقامچىلارنى تۆرگە ئورۇنلاشتۇردۇم. نەتىجىدە ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقامنى قەدىرلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەسىراتقا ئىگە بولدى. سازەندە، مۇقامچىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. بۇ چايخانا كىشىلەر ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىن مېھمانلىرىنى كۈتۈدىغان سورۇنغا ئايلانغانىدى. «جام چايخانىسى»نىڭ سودىسى ئوبدان بولدى. دېمەك، مەن «جام چايخانىسى»دا تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت ساتتىم.

تاماقخانامدا قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۇچراشتۇرۇدۇم

مۇخبىر: «ھەرەمباغ» چايخانىسى (يەنى ئېدىن چايخانىسى) قەدىمكى ئۆيلەردەك بېزەلگەن بولسىمۇ، مېھمانلار چايخانىدا تورغا چىقالايدىكەن. يەنەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قورۇمىلىرى ۋە چەت ئەل تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن. بۇنداق مەنزىرە كىشىگە خۇددى تىلسىمات كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. سىز مانا مۇشۇنداق ئۈنۈمنى قوغلاشقانمۇ؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: شۇنداق. «ھەرەمباغ» چايخانىسىغا كىرگەن ئادەم خۇددى قەدىمىي ئۆيلەرگە كىرىپ قالغاندەك، قەدىمكى دەۋرگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى زاماندىكى ئورۇندۇق، شىرە ھەم كومپيۇتېرلارنى كۆرۈپ، زامانىۋىيلىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدىكەن، مەنمۇ ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن. مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتقانىكەنمەن، دۇنيا ئېقىمىغا، كەسىپ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشىم كېرەك. كىىيم-كېچەكلىرىمىز ئاللىبۇرۇن مىللەت چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، تاماقخانىلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى تائاملار يېيىلىۋاتىدۇ. باشقا ساھەلەردىمۇ ئىلغارلىشىپ كەتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تاللىشىمىز كەڭ دائىرىلىك، كۆپ خىللىققا يۈزلىنىۋاتىمىز. بىز يېمەك-ئىچمەكتە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، خېرىدارلارنى يېڭىچە ئىستېمالغا يېتەكلىدۇق. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كىچىك راكنى ئۇيغۇرلار يېمەيتتى، مەن ئۆزۈممۇ يېمەيتتىم. دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بارسام ياۋروپالىقلار، ئەرەبلەر راكنى ئىستېمال قىلىدىكەن. دەسلەپتە ئۆزۈم يېيىشنى ئۆگەندىم، «ھەرەمباغ» چايخانىسىنى ئاچقاندا راك چىقاردۇق. ھەپتىدە بىر ئىككى تەخسە سېتىلدى. كېيىنچە ياشلار راكقا كۆنۈپ كەتتى، كۈنىگە ئون نەچچە تەخسە سېتىلىدىغان بولدى. بىز ئىستېمالچىلارنى ياۋروپاچە تائاملارنى ئۆز پېتىلا ئەمەس، بەلكى ئىستېمالچىلار قوبۇل قىلىدىغان ھالەتتە چىقاردۇق. ياۋروپالىقلار قېلىن توغرالغان كالا گۆشىنى %70 - %80كىچە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. تۈرك كاۋىپىمۇ خامراق پىشۇرۇلىدۇ. ئەمما بىز قېلىن توغرالغان كالا گۆشىنى %100 پىشۇرۇپ، تۈرك كاۋىپىنى كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇپ، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ ئادىتىگە يېقىنلاشتۇردۇق. پىسانىمۇ گۆشنى كۆپ سېلىپ ئەتتۇق. نەتىجىدە، خەلقىمىز چەت ئەل تائاملىرىغىمۇ ئامراق بولۇپ قالدى.

مۇخبىر: ياۋروپا، جۈملىدىن تۈركىيە تائاملىرىنى ئىستېمالچىلىرىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇپ، تائاملىرىمىزنى بېيتتىڭلار، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنىمۇ دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولامدۇ؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ھازىر دۇنيانىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تېز، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەھسۇلات شۇنداق تېز تارقىلىۋاتىدۇ. دۇنيا كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ. ئىلغار نەرسە چىقسا، پۈتكۈل دۇنيا تېزلا قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ نەرسىلىرى تېز تارقىلىدىكەن. تەرەققىي قىلمىغان جايلارنىڭ نەرسىلىرى ئاستا تارقىلىدىكەن. تاماقلىرىمىز قۇۋۋەتلىك، تەملىك بولسىمۇ، ئەجددلىرىمىزدىن قالغان نەرسىلەرنى ساقلاۋەرسەك، دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىگە ئەگىشەلمەيمىز. ھازىر ئېھتىياج كۆپ خىللىشىپ كەتتى، تاماقلىرىمىز قۇۋۋەتلىك بولسىمۇ، ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، پولۇنى ئامېرىكىدا ساتساق، ئىستېمالچىلىرىمىز قوشۇقتا يەمدۇ ياكى ۋېلكا، پىچاق تىزىپ قويامدۇق؟ بۇ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئويلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چەت ئەلنىڭ بەزى يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى بىز چىقارغان چەت ئەل تائاملىرىنىڭ بازىرى ئىتتىكلىكىنى ئاڭلاپ، خوتەن شەھىرىدىكى تاماقخانىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش – دېيىش ئاسان، قىلماق تەس ئىش. ئەمما بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز، غايىمىز.

كارخانا تەرەققىي قىلمىسا، مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ

مۇخبىر: «ھەرەمباغ»نىڭ ئۆزىگە خاس سىجىل كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەنگەنمۇ؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ئالدى بىلەن كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. شىركەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شىركەت تەرەققىي قىلمايدىكەن، مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا يانفون، كومپيۇتېر، ئايروپىلان قاتارلىقلارنى دۆلەت ياسىمايدۇ، شىركەت ياسايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، روناق تېپىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق. ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن، كارخانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. دۇنياغا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، مىللەت بولىمىز دەيدىكەنمىز، كۈچلۈك كارخانىلارنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىمىز يۈكسەلمىسە، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالمايمىز. «ھەرەمباغ»- پەرۋىش قىلىشقا تېگىشلىك بالا كارخانا. شىركەت بولۇپ قۇرۇلغىنىغا ئاران ئون يىل بولدى. شىركەت، كارخانا قانداق بولۇشى كېرەك؟ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ قائىدە-نىزاملىرى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئەمدىلىكتە چۈشىنىشكە باشلىدۇق. خەلقئارادىكى كارخانىلار شىركەت ئۇقۇمىنى ئاللىقاچان شەكىللەندۈرۈپ بولغاندا، بىز شىركەت ئۇقۇمىنى چۈشىنىشكە باشلىدۇق. مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، شىركەت ئۇقۇمىنى ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ھازىر ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان يەككە ئىگىلىكتىن شىركەتلىشىشكە يۈزلىنىۋاتىمىز. شىركەت ئېڭى ئاممىۋى، شەخسىي شىركەت ئېڭىدىن ھالقىپ كەتتى. «ھەرەمباغ» شىركىتى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يولىنى تاللىدى. تاماقخانىمىز پاي قوشۇش شەكلىدە قۇرۇلدى. ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىدە ئون پايچىكىمىز بار. ھازىر ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا بولۇپ، جەمئىي يەتتە تاماقخانىمىز بار. تۆھپىسى چوڭ خادىملىرىمىزغا پاي ئايرىپ بېرىۋاتىمىز. ھەربىر تاماقخانىمىزنىڭ ئايرىم پايچىكلىرى بار. مىليونېرغا ئايلانغان دېرىكتورلىرىمىز بار. بەزىلىرى بىر نەچچە تاماقخانىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. قەشقەردە پاي تۈزۈمىدە قۇرۇلغان ئۈچ تاماقخانىمىز بار. يەنە بىر تاماقخانا ئاچىمىز، يەنە ئۈچ پايچېكنى كۆپەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز. شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى تېز شەھەرلەردە «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىدىن بىر نەچچىنى ئاچقاندىن كېيىن شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشنى توختىتىمىز. بەش يىلغىچە ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بازالىرىغا كىرمەكچى بولۇۋاتىمىز. تيەنجىن شەھىرىدە تاماقخانا ئېچىپ باقتۇق. تىجارىتى خېلى يامان ئەمەس بولدى، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازارلىرىغا كىرىشتە خۇددى ناپالىئون جەڭگە ئاتلانغاندا چېكىنىش يولىدىكى «كۆۋرۈك»لەرنى چۇۋۇۋېتىپ ماڭغاندەك، بىزمۇ چېكىنىش يولىمىزنى ئۈزۈۋېتىپ كىرىمىز. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان، ھەقىقىي رىقابەت كۈچى بار شىركەت قۇرۇشقا تىرىشىمىز.

مۇخبىر: ياشلار «ھەرەمباغ«دا ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى تاپالامدۇ؟

زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار، قوللايدىغانلارغا ئىشىك يېپىق ئەمەس، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭلار دەپ تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز. ئەمما قوشۇنىمىز ئاجىز، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ كۆپ مەمۇرىي ئورۇنلارغا يىغىلىپ قالغانىكەن. بەزىدە ياشلار نېمىشقا كارخانىمىزنى تاللىمايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئەمەلىيەتتە جەمئىيىتىمىزدە پۇقراۋى كارخانىلارغا بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۈت ئىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىسە خاتىرجەم بولىدىكەن. ياشلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رايى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، ئاتا-ئانىلارغا تايىنىۋالىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. ياشلار ئازراق مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىسا، بۈگۈنكى كۈندە كۆپرەك ئىستىقبال تاپالايدۇ. چۈنكى، ھازىر دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىپ كەتتى. ياۋروپالىقلار ئامېرىكىدا، ئامېرىكىلىقلار ياۋروپادا ياشايدىغان، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان دەۋر كەلدى. ھەممىمىز بىر يەرگە توپلىشىۋالساق، ئارقىدا قالىمىز. بۇ سەۋەنلىكنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشىمىز، دۇنيانى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مۇھىمى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇش. بىز مۇلازىمەتچىلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، غايە، ئارزۇ – ئىستەك تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بەزى جەمئىيەت سەرخىللىرىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم دەرس سۆزلەتكۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى بازار دۇنيا بازىرى بولۇپ كېتىدۇ. ھازىر تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق كارخانىلىرى بازىرىمىزغا كىرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلىرى سېتىلىۋاتىد. بىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمىز قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلە. كەلگۈسىدە دۇنيا مەمۇرىي خادىمنى تونۇمايدۇ، پەقەت ئىقتىدارلىقلارنىلا تونۇيدۇ. بىز «ھەرەمباغ»دىكى مۇلازىمەتچىلەردىن تارتىپ دېرىكتورلارغىچە ھەممەيلەننى پەرزەنتلىرى «ھاياتىڭدىن مەمنۇن بولغۇدەك نېمەڭ بار؟ » دەپ سورىسا، ئۇلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز. جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلىرىمىز ھارۋا سۈرەپ يۈرۈپ مېۋە-چېۋە سېتىپ، ئىگىلىك تىكەش يولىدا ماڭماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش بەكمۇ تەس. بىز غايىلىك.، ئىرادىلىك ياشلارنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىمىز.

————

يازما مەنبەسى: «سەركار ئۈندىدار سالونى» | سۈرەتلەر مەنبەسى: «ھەرەمباغ تورى» | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن رەتلىنىپ، سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ تارقىتىلدى | قەيسەر ئەلپىدا ئۈندىدار–كيۇكيۇ: 710609464، ئالاقە: 18999249883 | «ئەلپىدا ئۇچۇر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى ئىشلەتمەكچى بولغان تاراتقۇلار «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى — www.uchur.com»نىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ۋە مەنبەلەرنى تولۇق ئەسكەرتىش كېلىشىمىگە قوشۇلۇشى شەرت.


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: ئۇيغۇر ئالىمى مايسەم مۇتەللىپ ھەققىدە
كېيىنكىسـى: ياللىق پالۋان رېھىمشاھ